English 中文 ئۇيغۇرچە
شىركەت ھەققىدە
ياخشى شىركىتى ھەققىدە
ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن تور قۇرۇلىشى، تور ئېلانى ۋە يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ياخشى شىركىتى 2011-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئېلىنغان، تور مۇلازىمىتى ۋە يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپىنى ئاساس قىلغان ، يۇقىرى تېخنىكا كۈچى،كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يۈكسەك كەسپىي مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولغان، تىرىشىپ داڭلىق ماركا يارىتىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزگە تىگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى خىزمەت نىشانى قىلغان تور پەن-تېخنىكا شىركىتى .

ياخشى شىركىتى 2012-يىلى 10-ئايدا تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ - چېچەن كىرگۈزگۈچىسىنى تەتقىق قىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرتىلىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتتى . چېچەن كىرگۈزگۈچىسى مۇشۇ تۈردىكى تۇنجى ھەم ياخشى لاھىيلەنگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولغاچقا كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولدى .

نۆۋەتتە ياخشى شىركىتى باشقۇرىشىدىكى ‹ئىزدە توربېكىتى ›‹ياخشى توربېكىتى ›قاتارلىق توربېكەتلەر زىيارەت مىقدارى ۋە مەزمۇنىنىڭ سەرخىللىقى بىلەن ئوخشاش ساھەدىكى بېكەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى توربېكەتلەر بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .

ياخشى شىركىتى قۇرۇلغان قىسقىغىنە نەچچە يىل ئىچىدە ئەمەلىي تېخنىكا كۈچى ۋە كەسپىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۆز نوپۇزىنى تىكلىدى، ھەمدە نۇرغۇن توربېكەت ۋە شىركەت - كارخانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا قىزغىن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى.
ياخشى شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە سەمىمىيىتى بىلەن كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەتراپلىق، سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ .
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئىزدە تورى ياخشى تورى ئىزدە لۇغىتى خەۋەر بانكا كارتىسى قول كۆندۈرۈش بېكەت خەرىتىسى تەكلىپ بېرىڭ